ئالى بابا شىركىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چىراي تونۇش سىستېمىسىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەن

نيۇرك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بلدۈرۈلۈشىچە، ئالى بابا گۇرۇھى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ زىيانكەشلىك قىلىشقا ئىشىلىتىدىغان چىراي تونۇش سىستېمىسىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشچە، ئالى بابانىڭ بۇلۇت ھېسابلاش سودا تور بېكىتى يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ چىرايىنى بايقىيالايدىغان ئۈسكۈنىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. مەزكۇر تور بېكەتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئىقتىدار ئالى بابانىڭ يۇمشاق دېتالى بىلەن ياسالغان بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنە تېرورلۇق، شەھۋانىيلىق ۋە باشقا خەتەرلىك تۈرلەرگە مۇناسىۋەتلىك رەقەملىك مەزمۇنلارنى نازارەت قىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. خىتاي ئاتالمىش تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى سەۋەبسىز لاگېرىغا سولىغان. ھەمدە كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش تورى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چىرايىنى تونۇش ۋە گېن تەكشۈرۈش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قاتتىق نازارەت قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالى بابا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بايقاش قورالىنى ئىشلىتىۋاتقان ياكى ئىشلەتمەيۋاتقانلىقى تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ تېخنىكىنىڭ خەۋپى يۇقىرى ئىكەن. بۇ ئۈسكۈنە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىكى سىنلارنى ئاپتوماتىك ھالدا تەكشۈرۈرپ بەلگە قويالايدىكەن. ئەگەر بۇ سىندا يۇمشاق دېتال تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مۇقىملاشقان ھامان سىگنال بېرىدىكەن، ھەتتا خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرنى بايقىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرالايدىكەن.
بىلدۈرلۈشىچە، «تايمىس گېزىتى» مۇخبىرلىرى بۇ ھەپتە ئالى بابا شىركىتى مەسئۇللىرىدىن بۇ ئۈسكۈنىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى سورىغاندىن كېيىن، شىركەت تور بېكەتتىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ چىرايىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

ئالى بابا بۇلۇت ھېسابلاش بۆلۈمى ۋەكىلى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ خىل تۈرنىڭ تېخنىكىلىق ئىقتىدارى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە سىناق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە سىناق مۇھىتىنىڭ سىرتىدا ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى» بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا بۆلۈم ۋەكىلى سىناققا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى، شۇنداقلا بۇ ئىقتىدار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ يۇمشاق دېتالنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىگە نېمە ئۈچۈن كىرگۈزۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنى، بۇ شىركەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى بايقاش قوراللىرىنى سىناق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 3398 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2020 18:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق