جۇڭغار نېفىتلىكىدە بايقالغان نېفىت زاپىسى 1.6 مىليارد توننىغا يەتكەن

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى »نىڭ 15- دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇڭغار ئويمانلىقى ماخۇ نېفىتلىكىدىن 2 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت قازغانلىقىنى، بۇ يەرىكى نېفىت زاپىسى 1 مىليارد 600 مىليون توننا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ماخۇ نېفىتلىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن مەركىزىي رايوندا بايقالغان 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك قورام تاشلىق نېفىت رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىش مۇساپىسىنى تېزلىتىش ئۈچۈن 2018 - يىلى 6 - ئايدا، خىتاي نېفىت گۇرۇھى شىركىتى مەخسۇس جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى نۇقتىلىق چارلاش رايونىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىش، قۇرۇلۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۈچ دەرىجىلىك نېفىت گېئولوگىيەلىك زاپىسىدىن 1 مىليارد 600 مىليون توننا ئەمەلىيلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسى 540 مىليون توننا، 2017 - يىلى كۆلەملىك ئېچىلغاندىن بۇيان جەمئىي 5 مىليون 485 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېڭىدىن بەرپا قىلىنىپ، جەمئىي 6 مىليون 236 مىڭ توننا نېفىت قازغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىش سۈرئىتىنى ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ يىل بۇرغىلاش سۈرئىتىنى رايونلارغا بۆلۈپ تېزلەتكەن. ماخۇ ترىئاس سېستىمىسى گورىزونتال قۇدۇقىنىڭ ئوتتۇرىچە قۇرۇلۇش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، ماخۇ بىرىنچى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، جىنلۇڭ 2 - قۇدۇق رايونىدا قاراتمىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ۋە سۈرئىتىنى ئاشۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پىلان بويىچە ماخۇ نېفىتلىكىنىڭ 2025 - يىلى خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى 5 مىليون توننىغا يەتكۈزمەكچى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە 50 مىليون توننا نېفىت، تەبىئىي گاز قازماقچى بولغان.

بۇ خەۋەر 3204 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2020 18:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق