شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايلىشىشقا مەجبۇرلانماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىردا تارقالغان سىندا ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلاردىن تەركىپ تاپقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەر- ئاياللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھرىدىكى چوڭ مەيداندا سەھنىدىكى خىتاي مۇئەللىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئاياللار ئالدىدا، ئەرلەر ئارقىدا تەكشى تىزىلىپ ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي خىتاي ئۇسسۇلى ئوينىتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تاجاۋۇزچى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال مائارىپتىن ئۇيغۇر تىلىنى چىقىرىپ تاشلىدى، ئارقىدىن خەلقنىڭ ئۆز-ئارا ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىشنىمۇ چەكلىدى. بۇمۇ يەتمىگەندەك ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى قاتارلىق خىتاي يېمەكلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا مەجبۇرلىدى، رەت قىلغۇچىلارنى دىنى ئەسەبىي ئىدىيەسى بار دەپ لاگېرلارغا مەھكۇم قىلدى. مىليونلىغان ئۆسمۈرلىرىمىزنى بالىلار لاگېرىغا بەنت قىلغان ۋە پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاي، سىرتتا قالغان ئازغىنا خەلقىمىزنىمۇ ئارامىدا قويماستىن خىتاي ناخشا ئۇسۇللىرىنى ئۆگۈنۈشكە مەجبۇرلىماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارغا كوممۇنىزم ئىدىيەسىنىمۇ زورلاپ تېڭىش ئۈچۈن تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلمەكتە.
بۇندىن بۇرۇنمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ، ياشانغانلارنىڭ ھەتتا كىچىك بالىلارنىڭمۇ خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە، خىتاي چالغۇلىرىنى چېلىشقا، كومپارتىيەنى مەدھىيىلەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقالغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 3287 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2020 19:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق