11 -دېكابىر دۇنياغا داڭلىق بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ماھىرى فرانسىيەلىك پۇتبولچى ئانتوين گىرىزمان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چىراي تونۇش سېستىمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بولغان بارلىق ھەمكارلىقىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 14- دېكابىر بەرگەن خەۋىرىدە خۇاۋېينىڭ ئانتويىن گىرىزمانغا ئىنكاس قايتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خۇاۋېي شىركىتى قايتۇرغان ئىنكاسىدا، «خۇاۋېي تېخنىكىلىق سېستىما ئىشلىتىپ تۇرۇپ ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق بىر شەكىلدە مىللىي ئايرىمچىلىققا قارشى چىقىدۇ. بىز كىشىلەرنى مىللىتىگە قارىتا بەلگىلەيدىغان سىستېمىلارنى ياسىمايمىز ۋە ساتمايمىز، تېخنىكىمىزنىڭ ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ئەزالىرىغا قارشى ئايرىمچىلىق قىلىش، كەمسىتىش ياكى زۇلۇم قىلىشىغا يول قويمايمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈپ يالغان سەپسەتە ساتقان.
گىرىزماننىڭ يۇقىرىقى باياناتى خۇاۋېينىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشى ۋە باستۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان يۇمشاق دېتالنى سىناق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئىدى.