تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 32 مىڭدىن ئاشتى

14-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 32102 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 206 مىڭ 190 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 32102 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 5104 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 235 كىشى قازا قىلىپ، 29247 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بىر مىليون 661 مىڭ 191 گە، قازا قىلغانلار 16881 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 5988 گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە كېسلى ئېغىر بىمارلارنىڭ 6000 غا يىقىنلاشقانلىقى، دوختۇرخانىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ھازىرمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەپتىن ئادەم كۆپ يەرلەرگە بارماسلىقمىز، ئۆزىمىز ۋە ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەكلىكىنى، پات ئارىدا نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ پايدىسىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 805 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2020 18:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق