ياپونىيە بىلەن خىتاي تالاش-تارتىشتىكى ئاراللار مەسىلىسىدە جىددىي سۆھبەتلەشتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىشى نوبو خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې بىلەن سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە سىنلىق سۆھبەتلەشكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئىككى مۇداپىئە ئەمەلدارى كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىغا قىزىق لىنىيە تېلېفون لىنىيەسى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كىشى نوبو سۆھبەتتە، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ تارىخ ۋە خەلقئارا قانۇنلاردا ياپونىيەنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، ياپونىيەنىڭ ماھىيەتلىك كونترول قىلىۋاتقان زېمىندا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى يوق ئىكەنلىكىنى، ھەمدە خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا زىددىيەت تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كىشى نوبو يەنە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ياپونىيە بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ سىنكاكۇ ئارىلىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى باياناتىنى تىلغا ئېلىپ:
«بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاڭ يى 24-نويابىر ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توشىمىسۇ موتېگى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. موتېگى ۋاڭ يىغا سېنكاكۇ ئارىلى تەۋەلىكىدىكى خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ قىلمىشىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتايدىن بۇ مەسىلىنى ئاياقلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋېي فېڭخې خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشقا بەل باغلىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئىككى تەرەپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، شەرقىي خىتاي دېڭىزىنى تىنچ، ھەمكارلىق مۇھىتىغا ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ بىراق ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشقان. ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، سۆھبەتنىڭ ۋاقتى ئەسلىدىكى بىر سائەتتىن ئېشىپ يەنە 35 مىنۇت ئۇزارتىلغان.

بۇ خەۋەر 952 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2020 18:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق