تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 29 مىڭدىن ئاشتى

14-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 29617گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 204 مىڭ 289 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 29617 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 5064 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 229 كىشى قازا قىلىپ، 28164 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بىر مىليون 631 مىڭ 944گە، قازا قىلغانلار 16646گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 5980گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ 6000غا يېقىنلاشقانلىقى، دوختۇرخانىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ھازىرمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن ئادەم كۆپ يەرلەرگە بارماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 849 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2020 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق