فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مۇخبىرلارنى تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا بىلدۈردى.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، 2020-يىلى دۇنيا مىقياسىدا 387 مۇخبىر قولغا ئېلىنغان. بۇ سان بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، يەنىلا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرغان. خىتايدا ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، خىتاي بۇ يىل يەنىلا مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلغان دۆلەت بولغان. بەش چوڭ دۆلەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇخبىرلارنىڭ سانى تۇتقۇندىكى ئومۇمىي مۇخبىرلارنىڭ %61ىنى ئىگىلىگەن. خىتايدا قولغا ئېلىنغانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، جەمئىي 117 كەسپىي ۋە ئىختىيارىي مۇخبىر تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭدىن قالسا سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتقۇن قىلىنغان مۇخبىرلارنىڭ سانى 34، مىسىردا 30، ۋىيېتنامدا 28، سۇرىيەدە 27 ئىكەن.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادا قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلارنىڭ سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەن. 2019-يىلى 31 ئايال مۇخبىر قولغا ئېلىنغان بولسا، بۇ يىل قولغا ئېلىنغان ئايال مۇخبىر 42گە يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %35 كۆپەيگەن.
دوكلاتتا يەنە بىر يېڭى مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، جەمئىي 14 مۇخبىر ۋىرۇس ئەھۋالىنى دوكلات قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە مۇخبىر خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا يەنە مۇخبىرلارنى خالىغانچە سوراق قىلىش، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاش قىلمىشلىرىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەنلىكى قەيت قىلىنغان.