ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: خىتاي بىلەن تىركىشىش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 14-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىپىن راۋات: «ھىندىستان ئارمىيەسى خىتاي بىلەن تىركىشىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا جەھەتتىكى تەييارلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىپىن راۋات مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ھىندىستان قوراللىق قىسىملىرى قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز-ئوكياندا دۆلەتنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىزنى ئايىمايمىز. بىز لاداختا تىركىشىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىمىز. خىتاينىڭ تىبەت رايونىدىكى ھەرىكىتى جانلانماقتا. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا داۋاملىق تەييارلىق قىلىدۇ» دېگەن.

راۋات مۇخبىرلارغا يەنە خىتاينىڭ ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، شۇڭا ھىندىستاننىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادا ئومۇميۈزلۈك تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىگە 15 كۈنلۈك كەسكىن ئۇرۇش ئۈچۈن، قورال-ياراغ، ئوق-دورا زاپىسىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىلگەن بولۇپ، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى خىتاي ۋە پاكىستان بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.

بۇ خەۋەر 968 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2020 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق