كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى خىزمىتىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرماقتا

14-دېكابىر كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ئىستانبۇلدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يېمەكلىك تارقىتىپ بەردى.

كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرۇپ، ئائىلىسىدە ھەقىقىي قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ھەر ھەپتە دېگۈدەك يېمەكلىك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلمەكتە.

كۆك ئاي جەمئىيىتى تۈنۈگۈن (14-دېكابىر) يەنە ئېھتىياجى بار كىشىلەرگە بىر توننا گۆش، ئىككى توننا پىياز، ئىككى توننا بەرەڭگە ۋە مىڭ كىشىلىك كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى.

بۇ خەۋەر 4446 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2020 13:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق