ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان جازالاش قارارى تۈركىيە لىراسىغا تەسىر كۆرسەتتى

تۈركىيە مىللىي گېزىت تورىنىڭ 11-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان بىر جازا پىلانىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، تۈركىيە لىراسىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى سەككىز نۇقتىدىن ئېشىپ، 8.02گە يەتكەن.

بۇندىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بىلۇمبېرگ تورى ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، تىرامپنىڭ تۈركىيەگە قارىتىلغان جازا پىلانىغا ئىمزا قويغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر جازا قارارىنى چىقىرىشىغا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى»نى سېتىۋالغانلىقى سەۋەب بولغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى نىسبەتەن مۇقىم تۇرۇۋاتقان تۈركىيە لىراسىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە قايتىدىن داۋالغۇش كۆرۈلگەن.

تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغان بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوخشاشلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى تۈركىيەگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 986 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2020 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق