گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى يېقىندا ئاشكارىلانغان بىر ھۆججەتكە ئاساسەن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ كونسۇلخانىلىرىغا، ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ۋە چوڭ شىركەتلىرىگە سىڭىپ كىرگەنلىكى خەۋەر قىلغان.
ئاۋسترالىيە گېزىتىنىڭ 13-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىلىرىغا، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى تارماقلىرىغا سىڭىپ كىرگەن. خىتاينىڭ رەسمىي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئەزالىرىنى غەرب ئەلچىخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغىنىغا ئاز دېگەندە بەش-ئون يىل بولغان.
2016-يىلى شاڭخەيدىكى بىر مۇلازىمىتېردىن بىر قىسىم كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەلۇماتلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە بىر مىليون 950 مىڭ كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئىسمى، ئورنى، تۇغۇلغان ۋاقتى، مىللىتى، ھەتتا ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرى قاتارلىق تەپسىلىي ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ پارتىيە ئەزالىرى 79 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كومپارتىيەسى تارمىقىغا تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايرىم شىركەت ياكى تەشكىلاتلار ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئەنگلىيە تاراتقۇسى «يەكشەنبە پوچتىسى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى شىفىرلانغان تېز ئۇچۇر يوللاش تېلېگراممىسى ئارقىلىق 9-ئايدا تۇنجى قېتىم خىتاي ئۆكتىچىسى تەرىپىدىن ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنتىغا ئاشكارىلانغان. سانلىق مەلۇماتلار بىخەتەرلىك ئانالىز ئورگىنىنىڭ ياردىمىدە دەلىللىگەندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە ۋە يەكشەنبە پوچتىسى قاتارلىق دۇنيادىكى تۆت ئاخبارات ئورگىنىغا يەتكۈزۈلگەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىدا كەم دېگەندە ئون نەپەر كومپارتىيە ئەزاسى بار بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، كاتىپ، ئىقتىسادىي مەسلىھەتچى ۋە مەمۇرىي ياردەمچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان. بۇلاردىن سىرت، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، شىۋېيتسارىيە، ھىندىستان، يېڭى زېللاندىيە، ئىتالىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىلىرىغىمۇ خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى سىڭىپ كىرىپ بولغان.