گېرمانىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مېكوڭ دەرياسىنىڭ ئۈستۈنكى ئېقىنىدىكى 11 جايغا توسما ياساپ سۇنى توسۇش ئارقىلىق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە قۇرغاقچىلىق كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەبلەغ سالغان «مېكوڭ توسمىسى نازارەت قىلىش» تۈرى 14-دېكابىر رەسمىي باشلانغان. بۇ تۈر سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي مېكوڭ دەرياسىنىڭ ئۈستۈنكى ئېقىنىغا سالغان توسمىلارنىڭ سۇ ئورنىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىكەن. بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلار 15-دېكابىردىن باشلاپ ئېلان قىلىنىدىكەن.
مېكوڭ دەرياسىنىڭ سۇ ئورنىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ مەركىزى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئەقىل ئامبىرى سىتىمسون تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ مەركەزنىڭ مەسئۇلى بىراين ئېيلېر بۇ ھەقتە توختىلىپ: «نازارەت سىستېمىسى تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، خىتاي ئىنچىكە لايىھەلەپ قۇرۇپ چىققان 11 ئورۇندىكى توسما ئەڭ يۇقىرى چەكتە توك چىقىرىپ، خىتاينى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تۆۋەن ئېقىندىكى دۆلەتلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى بىلەن كارى بولمايدۇ» دېگەن.
مېكوڭ دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4350 كىلومېتىر بولۇپ، بېرما، لائوس، تايلاند، كامبودژا ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۆتىدىكەن. دەريا ئەتراپىدىكى 60 مىليون بېلىقچى ۋە دېھقان بۇ دەريانىڭ سۈيى ۋە بايلىقىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن.
ئامېرىكا سۇ بايلىقىنى كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇلتۇر يۇقىرى ئېقىندىكى سۇ مىقدارىنى كونترول قىلىشى تۆۋەن ئېقىندىكى دۆلەتلەردە ئېغىر قۇرغاقچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بەزى دەريالار پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەن.