تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 26 مىڭدىن ئاشتى

13-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 26919غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 181 مىڭ 199 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 26919 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 5103 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 218 كىشى قازا قىلىپ، 22215 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بىر مىليون 603 مىڭ 780گە، قازا قىلغانلار 16417گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 5973كە يەتكەن.
فاھرەتتىن كوجا يەنە ئېغىر بىمارلارنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىكەنلىكىنى، زۆرۈر تەدبىرلەرگە داۋاملىق رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 764 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2020 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق