ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى 12-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قولغا ئېلىنغان بارلىق مۇخبىر ۋە پۇقرالارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
باياناتتا بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئىشلەيدىغان خىتاي مۇخبىر فەن رويىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن فەن رويىنى ئېھتىياجلىق بولغان داۋالاش ياردىمى بىلەن تەمىنلەش، تېزدىن ئۆزى تاللىغان ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشكە ھەمدە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىشكە يول قويۇش تەلەپ قىلىنغان.
باياناتتا يەنە باشقا خىتاي مۇخبىرلار ياكى پۇقرالارنىڭمۇ بۇ يىل خىتاي ھەققىدە خەۋەر بەرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى، قولغا ئېلىنغانلىقى ياكى پاراكەندىچىلىك سېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، قولغا ئېلىنغان بارلىق مۇخبىرلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
بىلۇمبېرگنىڭ 11-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، فەن رويى 7-دېكابىر ئەتىگەندە ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ خىزمەتدىشى بىلەن ئالاقىلاشقان ۋە كېيىن ئالاقىسىنى ئۈزگەن. بەزىلەر پۇقراچە كىيىم كىيگەن بىر نەچچە بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ئۇنى تۇرالغۇسىدىن ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. فەن رويى يوقاپ كەتكەن تۆت كۈن ئىچىدە بىلۇمبېرگ خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسىدىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن.
خىتايدا تۇرۇشلۇق چەت ئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىدىن بۇ ھەقتە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشنى تەلەپ قىلغان.