ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇدى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇدى

4-ئىيۇن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئەمىنە ئىنانچ جامەسىدە بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇدى.
نامازدىن كېيىن جامائەت ئۆزئارا كۆرۈشۈپ سالاملاشتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى.
ئارقىدىن جامائەت ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدە خىزمەت قىلىپ كەلگەن پېشقەدەملەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئائىلىسىگە بىر-بىرلەپ كىرىپ، ھېيتىنى مۇبارەكلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

بۇ خەۋەر 1467 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2019 20:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق