ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى شىۋېيتسارىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ خىتايغا قارشى شەخسلەرنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شىۋېيتسارىيە بىلەن خىتاي 2015-يىلى ئاتالمىش «قايتا قوبۇل قىلىش» كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، 14-دېكابىر ۋاقتى توشىدىكەن. بۇ يىل 8-ئايدا شىۋېيتسارىيە NZZ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مەزكۇر مەخپىي كېلىشىم ئاشكارىلانغان بولۇپ: «بۇ كېلىشىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شىۋېيتسارىيەگە بېرىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان خىتاي پۇقرالىرىنى سوراق قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى» دېيىلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاسىيانى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلىرى» بۇ ھەپتە كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ شىۋېيتسارىيە بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئىمزالىغان ئوخشاش كېلىشىملەر بىلەن قانداق پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ، بۇ كېلىشىمنىڭ خىتاي قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شىۋېيتسارىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ كېلىشىمنىڭ مەخپىي ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا باشقا 60 دۆلەت بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئوخشاش ئۆلچەملىك «تېخنىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
شىۋېيتسارىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «گەرچە بۇ كېلىشىم ئەزەلدىن باشقا كېلىشىملەرگە ئوخشاش ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ھەرۋاقىت ئېرىشكىلى بولىدۇ» دېگەن.
كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى يەنە خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ چېگرادىن قوغلانمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سوراق قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.