ئامېرىكا يېڭى قانۇن ماقۇللاپ خىتاينى چەكلەشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2021-يىللىق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى ئىككى پالاتانىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، كۆپلىگەن تەرەپلەردە خىتايغا چېتىلىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئىچىدىكى «تىنچ ئوكيان تەھدىت پىلانى» كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. ئانالىزچىلار بۇ پىلاننىڭ قانداق قىلىپ خىتاينى ئۈنۈملۈك چەكلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مۇداپىئە ھالىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەم باسقۇچ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ماقۇللىغان دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى 84 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 13 ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن سەيشەنبە كۈنى ماقۇللانغان. بۇ قانۇن 2021-مالىيە يىلىدا 740 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ خىراجەت ئەسكەرلەرنىڭ مائاشى، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش ۋە تاشقى ئىشلار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن.

كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۆپ سانلىقلار رەھبىرى مىچ مىكونېل بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ئارمىيەمىز خىتاي تەھدىتىگە قارشى تەييارلىق قىلىدۇ ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىدۇ» دېگەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە يەنە خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە يېڭى «تىنچ ئوكيان تەھدىت پىلانى» باشلانغان بولۇپ، بۇ تۈرگە 2021-مالىيە يىلىدا ئىككى مىليارد 200 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىلغان. بۇ پىلان ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ ئىمزا قويۇشى كېرەك بولۇپ، تىرامپ بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى بىر قىسىم ماددىلارغا نارازى بولغاچقا، رەت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنداقتىمۇ پارلامېنت ۋە پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئەزاسى قوللاپ بېلەت تاشلىغانلىقتىن، تىرامپ رەت قىلغان تەقدىردىمۇ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

بۇ خەۋەر 939 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2020 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق