ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش سادام ئابدۇسالام خىتاي سەۋەبلىك ئۈچ يىلدىن بېرى ئايرىلىپ ياشاۋاتقان ئايالى نادىرە ئۆمەر ۋە ئۈچ ياشلىق ئوغلى لۇتفى بىلەن 10-دېكابىر ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە قايتىدىن جەم بولغان.
سادام ئابدۇسالام تىۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا ئايالى بىلەن ئايرودۇرۇمدا چۈشكەن سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئايالى ۋە ئۈچ يىلدىن بېرى يۈزمۇيۈز كۆرۈپ باقمىغان ئوغلى بىلەن جەم بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ جەم بولۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلغان ھەربىر كىشىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولغان سادام ئابدۇسالام ئايالى نادىرە ئۆمەر بىلەن 2016-يىلى توي قىلغان. نادىرە 2017-يىلى ئوغلى لۇتفىغا ھامىلىدار ۋاقتىدا ئائىلىسىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا قايتقان. ئۇ قايتىپ بارغاندىن كىيىن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىككى ھەپتىدەك سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ئۆيدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان.
سادام ئابدۇسالام بۇ ھەقتە خەلقئارالىق تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆز ئەھۋالىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن بۇ ھەقتە ياردەم تەلەپ قىلغان. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئوغلىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى خىتايدىن تەلەپ قىلىپ كەلگەن، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بەرمەي كەلگەن ئىدى.