خىتاينىڭ بىر نەچچە شەھىرىدە يەنە ۋىرۇس تارقالدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 11-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بىر نەچچە ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي سەھىيە كومىتېتى جۈمە ئەتىگەن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، يېڭىدىن 15 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. يۇقۇملانغانلار ئىچىدە توققۇز كىشى چەت ئەلدىن كىرگەن بولۇپ، بەشى شاڭخەيدە، ئۈچى گۇاڭدۇڭدا، بىرى يۈننەندە بايقالغان. يەرلىكتە بايقالغان ئالتە يۇقۇملانغۇچىنىڭ تۆتى سىچۈەندە، ئىككىسى خېيلۇڭجياڭدا بايقالغان. ھازىرغىچە ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن.

باشقا خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 10-دېكابىر خىتاي ئۆلكىلىرىدە 292 يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە بەش بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بىر نەچچە ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بايقالغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خوڭكوڭمۇ 86 يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 81 كىشى يەرلىك، قالغان بەش كىشى چەت ئەلدىن كىرگەن ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلەر كۈچەيتىلگەن بولۇپ، سىرتتىن كىرگەن كىشىلەر چوقۇم بېكىتىلگەن مېھمانخانىلاردا 14 كۈن كۆزىتىلگەن. يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى شۆلگەي ئەۋرىشكىسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ خەۋەر 797 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2020 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق