تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 32 مىڭدىن ئاشتى

11-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 32106گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 208 مىڭ 873 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 32106 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 5607 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 226 كىشى قازا قىلىپ، 5516 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 458 مىڭ 109 گە، قازا قىلغانلار 15977گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 5952گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە ئېغىر بىمارلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ئازىيىۋاتقانلىقىنى، زۆرۈر تەدبىرلەرگە داۋاملىق رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. تۈركىيەدە بۇ ھەپتە ئاخىرىدىمۇ سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى مەلۇم بولماقتا.

بۇ خەۋەر 897 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2020 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق