شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدىغان تۆمۈر يولدىن يەنە بىرى كۆپەيتىلدى

ئاتالمىش شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ، خىتاي ئۆلكىسىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ چىقىدىغان تۆمۈريول چوڭ لىنىيەسىدىن يەنە بىرى كۆپەيتىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى شەكىللەندۈرۈلگەن. گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1206 كىلومېتىر بولۇپ، شەرقتە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمۇد شەھىرىدىن باشلىنىپ، چاقىلىق ناھىيەسى، لوپنۇر ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا كورلا شەھىرىگە كىرىپ، چىڭخەي-تىبەت تۆمۈريولى بىلەن ئۇلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە چىڭخەي--تىبەت بۆلىكىدە بۇ يىل 60-ئىيۇن قاتناش باشلانغان بولۇپ، بۇ يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 734 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى خىتايدىن ياۋروپا ۋە غەربىي ئاسىياغا تۇتىشىدىغان قۇرۇقلۇق تىرانسپورت چوڭ يوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى ئۈچۈن پايدىلىق رول ئوينايدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە چەت ئەلگە توشۇپ سېتىش قەدىمىنى تېزلەتكەن.

بۇ خەۋەر 3549 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2020 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق