ئامېرىكا خۇاۋېي شىركىتىنى يەنە بىر قېتىم تەھدىت دەپ بېكىتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتى 10-دېكابىر يەنە بىر قېتىم خۇاۋېينى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ بېكىتكەن.

ئامېرىكا بۇ يىل 6-ئايدا خۇاۋېينى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ بېكىتكەن. ئەمما بۇ قاراردىن كېيىن خۇاۋېي قايتا تەكشۈرۈپ قارار چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتى ئالدىنقى كۈنىدىكى ئوچۇق يىغىندا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق خۇاۋېينىڭ بۇ ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا ئالاقە تورىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىنى قايتا بېكىتكەن.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بىرېندان كار پەيشەنبە ئېچىلغان ئوچۇق يىغىندا: «مەن خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭغا ياردەملەشكۈچىلەردىنمۇ چوڭراق بىخەتەرلىك تەھدىتىنى ئويلاپ يېتەلمەيمەن. خىتاي جاسۇسلۇق، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە سودا-سانائەت جەھەتلەردە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى خادىملارنى نازارەت قىلىشقا ئۇرۇندى» دېگەن.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا خۇاۋېينىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاسانلا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، خۇاۋېينىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن قويۇق ئالاقىسىنىڭمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم بىر خەۋپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىندا چىقىرىلغان قارار خۇاۋېينىڭ ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى سېتىۋالماقچى بولغان شىركەتلەرنىڭ يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. كومىتېت مۇزاكىرە ئارقىلىق يەنە يېڭى قارار چىقىرىپ، خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركىتىنىڭ ئىلگىرى ئورنىتىلغان ئۈسكۈنىلىرىنى چۇۋۇشقا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىش تۈرىنى ماقۇللىغان. بۇ ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى چۇۋۇش ۋە ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىدىكەن. خۇاۋىي ئۈسكۈنىلىرىنىڭ باھاسى تۆۋەن بولغاچقا، ئۆتكەنكى ئون يىلدا نۇرغۇن يېزا تىجارەتچىلىرىنىڭ بىرىنچى تاللىشىغا ئايلانغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتى تۈنۈگۈندىن تارتىپ خىتاي تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى تارماق بۆلۈمىنى رەسمىي تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 772 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2020 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق