يەنە بىر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر ياش تايلاند تۈرمىسىدە بىر يىل قامالغاندىن كېيىن، تۈرمىدىن باڭكوكتىكى مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يۆتكىۋېتىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ۋە ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە 10-دېكابىر ۋاشىنگتونغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەن.

ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە يەتتە يىلدىن بېرى تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بالدۇرراق قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ زۇلۇمى سەۋەبلىك پاناھلىق ياكى ھىجرەت ئۈچۈن چەت ئەلگە قېچىپ چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھىندونېزىيە ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. يېقىندا ھىندونېزىيەدىكى ئۈچ ئۇيغۇر ياشنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، بىخەتەر بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر داۋاملاشماقتا.

بۇ خەۋەر 4596 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2020 19:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق