تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 220 كىشى قازا قىلدى

10-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 30424كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 206 مىڭ 202 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 30424 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 5918 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 220 كىشى قازا قىلىپ، 5232 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 452 مىڭ 593كە، قازا قىلغانلار 15751گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار بولسا 5943كە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە قوللىنىلغان تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى، كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ ئازلاۋاتقانلىقىنى، تەدبىرلەرگە داۋاملىق ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 687 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2020 19:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق