ماكرون ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون 9-دېكابىر شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ماكرون 12-دېكابىر «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاشقان بىر پەيتتە شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، خەلقئارالىق كىلىمات ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ۋە ياۋروپا ۋە خىتاينىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتىكى رولىنى تەكىتلىگەن.

ماكرون سۆھبەت جەريانىدا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، خىتاينىڭ ب د ت باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن، خىتاي ئارقىدىنلا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 832 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2020 19:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق