خىتاي ئامېرىكىغا قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزگەن جازاسىغا قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 10-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خوڭكوڭغا مەسىلىسىگە قارىتا «ئىپادىسى ناچار» دەپ قارالغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خۇا چۈنيىڭ مەزكۇر جازانىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىپلومات پاسپورتى بار ئەمەلدارلىرىنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېنغا ۋىزىسىز ۋاقىتلىق زىيارەتكە بېرىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى» دېگەن. ئۇ باياناتىدا يەنە، ئامېرىكىنى خوڭكوڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

7-دېكابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 مۇئاۋىن رەئىسىنى «خوڭكوڭ قانۇن كېڭىشىنىڭ تۆت دېموكراتچىل ئەزاسىنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينىدى» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يىللاردىن بېرى نۇرغۇنلىغان خىتاي ئەمەلدارلىرى بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، مال-مۈلۈكلىرىنى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە يۆتكەپ كەلگەن. نۇرغۇن ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ھەق تۆلەپ ئوقۇغان. ئامېرىكىنىڭ يۈرگۈزگەن يېڭى جازاسى بۇ ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى تۇغقانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 671 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2020 17:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق