شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كۈزىتىش جەمئىيتى دوكلات ئېلان قىلدى

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش جەمئىيتى بۈگۈن 10-دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋىيىسىگە يەتكەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ رەسمىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا نەق مەيدان ئارقىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئويۇشتۇردى.

يىغىندا جەمئىيەت باش كاتىپى دوكتورانت نۇرىدىدىن ئىزباسار ئەپەندى جەمئىيەت تەرىپىدىن تەييارلانغان «خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىگە كۆرە شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق دوكىلاتنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

دوكلاتنىڭ تەپسىلاتىنى جەمئىيەت تور بېتىدىن كۆرۈۋالالايسىلەر.

بۇ خەۋەر 4924 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2020 19:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق