مائارىپ جەمئىيىتى سەئۇدى ھۆكۈمىتىنى ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىردى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىرىپ مەكتۇپ يازدى.

مەكتۇپ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسەل بىن فەرھان، سەئۇدى ئەرەبىستان دەۋەت ۋە تەشۋىقات مىنىستىرى دوكتور شەيخ ئابدۇلىتىپ بىن ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇراھمان، مەسچىدى ھەرەمنىڭ ئۇمۇم ئىشلرى مەسئۇلى دوكتور ئابدۇراھمان بىن سۇدەيىس، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەتىۋا ئىدارە رەئىسى شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى ۋەلىد ئابدۇللاھ ئەلخەرىيجى قاتارلىق سەئۇدى ئەرەبىسىتان ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىلخەت ئادرېسىغا يوللاندى.


مەكتۇپتا، ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، ئىسلام دىنغا قارشى سىياسىتى سەۋەبلىك چەتئەلگە ھىجرەت قىلغانلىقى، ئۇلار خىتاينىڭ زىيانلەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئەھۋالنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك بولىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈم جازاىسى بېرىلىدىغانلىقى، ئەگەر سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۇلارنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىرىۋاتماقچى بولسا، تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى 20-نويابىر مەككە-مۇكەررەمنىڭ مىسفىلا مەھەللىسىدىكى بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇنلارنىڭ بىرى، بۇ يىل 2-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرى ھەجگە بېرىپ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك تۈركىيەگە قايتالماي تۇرۇپ قالغان ھەمدۇللا ۋەلى، يەنە بىرى 2006-يىلدىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان نۇرمۇھەممەت روزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىىدە تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش رۇخسىتى ( ئىقامىتى) بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 5254 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2020 18:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق