خ ش ت ت بىرلىكى بۈگۈن دۇنيا كىشلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزغان بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىردا 10 -دېكابىر دۇنيا كىشلىك ھوقۇق كۈنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىچىنىشلىق ھەقىقەتلەر دېگەن تېمىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتتا: «كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ھەر يىلى 10-دېكابىر يەنى 1948-يىلى ب م ت ئومۇمىي مەجلىسى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ماقۇللانغان كۈننى تەبرىكلەيدۇ. كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 72 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقى قانۇنلىرى ئۇلاردىن ئېلىندى. ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ ئاساسى بولغان ھايات ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھوقۇقىمۇ تارتىۋېلىندى.

1945-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان ب م ت نىڭ ئاساسلىق مەقسىتى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىدى. 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ، ب م ت «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نى ماقۇللىدى ۋە ئېلان قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى 30 ماددىدىن تەركىب تاپقان. بۇ خىتابنامە كىشىلەرنى قەدىرلەيدىغان، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ئاتا قىلىدىغان قانۇندۇر. ئەپسۇس ب م ت غا ئەزا بولغان ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئىمزا قويغان خىتاي رېجىمى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىي خىتابنامىسىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ھەر جەھەتتىن دەپسەندە قىلماقتا. ئىككىنجى قېتىم ئەسلا قايتا يۈز بەرمەيدۇ دېيىلگەن ناتسىستلار لاگېرلىرى 21-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سۈپىتىدە بارلىققا كەلدى. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ سانى 8 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ھەر تۈرلۈك قىيناشلارغا دۇچ كەلمەكتە.

21-ئەسىردە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى 72 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا ، بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىش ئىنسانىيەتنىڭ يۈزىگە چۈشكەن قارا داغ سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلىدۇ. خىتاي 1949 -يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقى بولغان تەبىئىي گاز، نېفىت ۋە ئالتۇن قاتارلىق قىممەتلىك مېتال ۋە باشقا بايلىقلىرىنى داۋاملىق تالان-تاراج قىلىۋاتىدۇ، كوممۇنىست خىتاي بۇنىڭغا رازى بولماي بۇ رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنى ئۇلارنىڭ تىلى ۋە دىنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، قىممەت-قاراشلىرى ۋە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. بۈگۈنگە كەلگۈچە 16000 مەسچىت ۋەيران قىلىندى ياكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇلدى، تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىلەرنى ۋەيران قىلدى، تىلىمىز، دىنىمىز ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى پۈتۈنلەي چەكلىدى، مەجبۇرى ئەمگەك كېڭەيتىلدى، خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي نىكاھلىنىشقا زورلاش داۋاملىشىۋاتىدۇ، يەرلىك ۋە خەلقئارالىق ساياھەت ۋە ئوبوروت ھوقۇقى پۈتۈنلەي چەكلەندى. ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن مۇسۇلمان تۈرك خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى ۋە ئاسىمىلاتسىيە قىلىش ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خىتاينىڭ ئاتالمىش ئاساسلىق قانۇنىغا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش ئاپتونومىيە قانۇنىغا، ئەڭ مۇھىمى ب م ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىغا خىلاپ.

دۇنيا دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە سىياسىي مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ، خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك.

كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتاينىڭ 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنغان دۆلەتتە خەلقئارالىق تەنھەرىكەت ئويناش تەنتەربىيە قائىدىسىگە خىلاپ.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلماقتا. رايوندا ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتىدۇ، بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىشغالچى خىتاينىڭ بۇ كەڭ كۆلەملىك مىللىي، مەدەنىي، نوپۇس، تىل ۋە دىن قىرغىنچىلىقىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بولۇپمۇ تۈركىيە، ئىسلام دۇنياسى، دۇنيا جامائىتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ب م ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى خىتاي سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن جىددى ھەركەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز.»

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 4880 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2020 18:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق