تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 217 كىشى قازا قىلدى

9-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 31712 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 204 مىڭ 411 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 31712 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 6213 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 217 كىشى قازا قىلىپ، 5846 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 447 مىڭ 361 گە، قازا قىلغانلار 15531 گە يەتكەن. نۆۋەتتە كېسىلى ئېغىر بىمار سانى 5901 ئىكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى تىز ئۆرلىمىسىمۇ 6000 گە يەتكەنلىكىنى ۋە ھەممىزنىڭ ئادەم كۆپ يەرلەردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قويغان چەكلىمىلەرگە بويسۇنىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

بۇ خەۋەر 859 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2020 18:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق