خىتاي جاسۇسلىرى كالىفورنىيەنىڭ سىياسىي چەمبىرىكىگە سىڭىپ كىردى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ فاڭ فاڭ ئىسىملىك بىر جاسۇسى كالىفورنىيەنىڭ سىياسىي چەمبىرىكىگە سىڭىپ كىرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشچە، فاڭ فاڭ ئىسىملىك بىر ئايال خىتاي 2011-يىلدىن 2015-يىلغىچە ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسى بىلەن كەڭ ئالاقىدە بولغان، شۇنداقلا كەم دېگەندە ئىككى شەھەر باشلىقى بىلەن مۈجمەل مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي چەمبىرىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ۋاكالەتچىسى دەپ گۇمان قىلىنغان بۇ ئايال قارىماققا ئوباما دەۋرىدىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندەك قىلسىمۇ ، ئەمما ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭ مەخپىي ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىمىغان. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە بولغان ھوشيارلىقنى ئۆستۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشچە، بۇ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ يادروسى فاڭ فاڭ ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، ئۇ يەنە كىرىستىنا فاڭ دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنى نىشانلىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەركىزى ھۆكۈمەتتە يوشۇرۇن كۈچى بار ئەمەلدارلار بىلەن ئالاقە ئورناتقان. Axios خەۋەر مەركىزى بۇ ھەقتە بىر يىل ۋاقىت چىقىرىپ تەكشۈرۈش دوكلاتى تەييارىلىغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى سابىق 22 ئەمەلدار ، سىياسىي پائالىيەتچى، سابىق ئوقۇغۇچىلار ۋە فاڭ فاڭنى بىۋاسىتە تونۇيدىغان باشقا كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان. فاڭ فاڭنى بىلىدىغان تورداشلارنىڭ ئېيتىشىچە، فاڭ فاڭ 2011-يىلى كالىفورنىيە شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا تىزىملاتقان بولۇپ، ئۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 2012-يىلى سان فىرانسىسكودىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مائارىپ بۆلۈمىدىن پەخرىي رەئىس گۇۋاھنامىسى ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خادىملىرى باشقا بىر نىشاننى نازارەت قىلىۋاتقاندا فاڭ فاڭنى بايقاپ قالغان. فاڭ فاڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن يېقىنلىشىش ئۈچۈن دائىم ئامېرىكىنى ئايلىنىپ يۈرگەن. مەلۇم بولغاندەك يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە خىتايىنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئامېرىكىدا تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، فاڭ فاڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي چەمبىرىكىگە سىڭىپ كىرىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بىرى بولغان.

بۇ خەۋەر 840 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2020 18:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق