شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاشار سىياسىتى داۋاملاشماقتا

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىردا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھرىدە بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر ئەر-ئاياللارنىڭ توڭ قومۇرۇپ ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

شەرقىي تۈركىستاندا يېقىنقى يىللاردا جازا لاگىر سىياسىتى بىلەن تەڭ ھاشارغا سېلىش، مەجبۇرى ئەمگەك سىياسەتلىرىمۇ ئېغىرلاشقان بولۇپ، ئامالسىز قالغان خەلق قىش-ياز ھاشاردا ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا. بۇندىن بۇرۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىردا تارقالغان سىنلاردىمۇ ھاشارغا سېلىنغانلارنىڭ %90 نىڭ ئاياللار ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىغان ئىدى.

بۇ كۆرۈنۈشلەر تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەر – ئايال، قېرى-ياش دېمەستىن كېچە-كۈندۈز ھاشارغا ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىپ قىيناۋاتقانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتىدۇر.

بۇ خەۋەر 3692 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2020 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق