ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسى كېڭەس ئەزاسىنى جازالىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى خىتاي سىياسى كېڭەش ئەزاسى، قوشۇمچە جىنايەت شايكىلىرىنى تەشكىللەش گورۇھىنىڭ باشلىقى يىڭ گوجۈگە چىرىكلىگە قارشى جازا يۈرگۈزدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «K14» دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ بىرلەشمە قارا جەمئىيەت گورۇھىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە خىتاي كومپارتىيەسى سياسىي كېڭەش ئەزاسى يىڭ گوجۈگە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، قانۇنسىز قىمار، قارا چاپلاش، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە باشقا جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك جازا بەرگەن بولۇپ، بۇ جازا يەنە يىڭ گوجۈ ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى كونتروللۇقىدىكى كامبودژا دۇنيا خوڭ مىن تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى، خوڭكوڭ شەرقىي ئامېرىكا گۇرۇھى ۋە بولىيۇ خىتاي خۇڭ مىن مەدەنىيەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئۈچ ئورۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خوڭ مىن تەشكىلاتى مالايسىيا ۋە كامبودژادىكى قىسمەن سەرخىللار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» سودا پىلانى ۋە باشقا خىتاي كومپارتىيەسنىڭ تەشەببۇسىغا ماس ھالدا داۋاملاشتۇرغان. ئۇندىن باشقا ھەر خىل قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارنى قانات ئاستىغا ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان جازا 13818-نومۇرلۇق مەمۇرىي بۇيرۇققا ئاساسەن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، جازا يۈرگۈزۈلگەنلەر ئىچىدە قىرغىزىستان تاموژنا ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى رايمبېك ماترايموف (Raimbek Matraimov)ۋە لىبېرىيە كېڭەش پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاررىي ۋارنىي گبوتو-نامبى شېرمان (Harry Varney Gboto-Nambi Sherman)مۇ بار ئىكەن.

13818-نومۇرلۇق مەمۇرىي بۇيرۇق چىرىكلىككە ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلىدىكەن. بۇ جازاغا ئاساسەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىغان ئۈچ كىشىنىڭ ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى شىركەتلىرىنىڭ بارلىق مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلدىكەن.

بۇ خەۋەر 796 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2020 17:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق