ئاۋسترالىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ بېسىمىغا قارشى يېڭى قانۇن ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى 8-دېكابىر يېڭى قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ، فېدېراتىپ ھۆكۈمىتىگە تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەرنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى بەرگەن. بۇ قانۇنغا ئاساسەن فېدېراتىپ ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيەنىڭ دىپلوماتىك نىشانىغا زىت كېلىدىغان كېلىشىملەرنى بىكار قىلالايدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان زور قارار ئىكەن. مەزكۇر «تاشقى مۇناسىۋەت قانۇنى»غا ئاساسەن، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى مورىسون ئىشتات ھۆكۈمەتلىرى، رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن تۈزگەن كېلىشىملىرىنى تەكشۈرۈش ۋە بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىشتاتى بولغان ۋىكتورىيە ئىشتاتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا كېلىشىمىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچرايدىكەن. نۆۋەتتە تەكشۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كېلىشىمنامىلەر 135 بولۇپ، 30 نەچچە دۆلەتكە چېتىشلىق ئىكەن.

يېڭى قانۇن لايىھەسىدە ئاۋسترالىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىس پېيننىڭ ئالاقىدار تاشقى سىياسەت كېلىشىملىرىنى تەكشۈرۈش ۋە بىرتەرەپ قىلىشقا بىۋاسىتە مەسئۇل بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مارىس پېين تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئورگان قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى قانۇن فېدېراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىدىغان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇل ئەسلىھە، سودا ھەمكارلىقى، ساياھەت، مەدەنىيەت ھەمكارلىقى، ئىلىم-پەن، ساغلاملىق ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر يېڭى قانۇننىڭ ئاساسلىق نىشانى شى جىنپىڭ بىۋاسىتە پىلانلىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1099 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2020 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق