ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 14 ئەمەلدارىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەندىن كېيىن، خىتاي «چوقۇم كۈچلۈك قارشى تەدبىر قوللىنىمىز» دەپ ئامېرىكىغا تەھدىت سالغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 14 ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىنى بىزار قىلىدىغان ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان ھەرىكەت» دەپ بىلجىرلىغان ھەمدە چوقۇم قارشى تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئورگان تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېڭ زېگۇاڭ سەيشەنبە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋەكىلى روبېرت فوردېننى چاقىرتىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي قائىدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق. ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى كونترول قىلغان خوڭكوڭ قانۇن كېڭىشىنىڭ تۆت دېموكراتچىل ئەزاسى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. خىتاينىڭ بۇ يولسىز قىلمىشىدىن كېيىن ئامېرىكا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 مۇئاۋىن رەئىسىگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيەنى ياقىلايدىغان تۆت ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.