8-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 33198گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 201 مىڭ 219 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 33198 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. 6593 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 211 كىشى قازا قىلىپ، 5245 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر نۆۋەتتە جەمئىي 441 مىڭ 515گە، قازا قىلغانلار 15314كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 5882گە يەتكەن.
فاھرەتتىن كوجا يەنە كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى تېز ئۆرلىمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا 6000گە يەتكەنلىكىنى، ئادەم كۆپ جايلاردىن يىراق تۇرۇش ۋە چەكلىمىلەرگە بويسۇنۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.