ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئىنتېل ۋە ئېنۋىدىيا شىركىتىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سۈرۈشتە قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئىنتېل شىركىتى ۋە ئېنۋىدىيا (Nvidia) شىركىتىگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئىلغار ئۆزەكلەرنى سېتىشقا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتە قىلغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بۇ ئىلغار كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىشقا ۋە ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىغا ئىشلەتكەن، دەپ قارالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەكتۇپنى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو قاتارلىقلار يازغان.

مەكتۇپتا: «خىتاينىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىلدا ھېسابلاش ئىقتىدارى بىلەن چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئەنئەنىۋى كۆزىتىش تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، لاگېرغا سولاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى كۆپلىگەن پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نورمال ھايات كەچۈرۈشىگە تەسىر كۆرسەتتى» دېيىلگەن.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى بىر خەۋىرىدە ئۈرۈمچى بۇلۇت ھېسابلاش مەركىزىدە ھېسابلاش سۈرئىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلغار كومپيۇتېرلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ كومپيۇتېرلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى سانسىزلىغان كىشىلەرنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ كومپيۇتېرلارنىڭ ئۆزەكلىرىنى ئىنتېل ۋە ئېنۋىدىيا شىركىتىنىڭ تەمىنلىگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پارلامېنت ئەزالىرى مەكتۇپتا، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ خىتايدىكى سودىسىغا ئائىت نۇرغۇن سوئاللارنى سورىغان، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى قوللاشقا ئىشلىتىلگەن-ئىشلىتىلمىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللانغان-قوللانمىغانلىقى سۈرۈشتە قىلىنغان. شۇنداقلا بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئامېرىكا قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن خىتاي شىركەتلىرىنى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار ياكى خەۋەردار ئەمەسلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ خەۋەر 822 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2020 13:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق