ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خوڭكوڭلۇقلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 7-دېكابىر «خوڭكوڭ خەلقنىڭ ئەركىنلىك ۋە تاللاش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ئارىسىدا كەم دېگەندە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەزانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن رەسمىي ئەمەلىيلەشسە ئامېرىكىدىكى خوڭكوڭ ئاھالىلىرى ۋاقىتلىق پاناھلىق ئىلتىماس قىلالايدىغان بولۇپ، سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خوڭكوڭلۇقلار ئامېرىكىدا مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلالايدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى توم مالىنوۋىسكى: «مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى مەغلۇپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سىستېمىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سىستېمىسىنىڭ ئاجىز نۇقتىسىغا تاقابىل تۇرۇش. بىز ئەركىن، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئىشەنچلىك دېموكراتىيە ئارقىلىق خەلققە زۇلۇم سېلىۋاتقان كومپارتىيەگە بېسىم قىلىپ، ئۇلارنى چەكلىشىمىز كېرەك. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ خوڭكوڭنى باستۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا يېقىندا خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاينى «دۇنيادىكى دېموكراتىيەگە ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ سۈپەتلىگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيومۇ 4-دېكابىر خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ تۈزگەن بەش تۈرلۈك پىلاننى بىكار قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «خىتاي پومپېيو ۋە باشقىلارنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى چەكلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 870 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2020 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق