ئامېرىكا تەيۋەنگە يەنە زور سوممىلىق ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى سېتىپ بېرىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تەيۋەنگە 280 مىليون دوللار قىممىتىدىكى دالا ئۇرۇشى ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىسى سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەيۋەنگە تەخمىنەن 280 مىليون دوللار قىممىتىدىكى دالا ئۇرۇشى ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىسى ۋە ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئورگىنى 7-دېكابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا پارلامېنتىغا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەنگە سېتىپ بېرىلمەكچى بولغان قوراللار دالا ئۇرۇشى ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىسى، تۈر باشقۇرۇشنى قوللاش، سىناق دەلىللەش، سىناق ئۈسكۈنىلىرى، خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر قوراللارنىڭ تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى، بۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە، رايوننىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ۋە ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپنىڭ بۇ يىل ئىچىدە تەيۋەنگە 6-قېتىم قورال سېتىپ بېرىشى بولۇپ، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تەيۋەنگە جەمئىي 11-قېتىم قورال سېتىپ بەرگەن. بۇندىن بۇرۇن تەيۋەندىكى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋىليام كىرىستېنسېن يەنە ئامېرىكىنىڭ كېلەر يىلىمۇ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خىتاي ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئالدىنقى ئايدا: «ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى بىر خىتاي پىرىنسىپى ۋە خىتاي-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە باياناتىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر» دېگەن.

بۇ خەۋەر 844 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2020 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق