قازاقىستان يەنە بىر شەرقىي تۈركىستانلىق قازاقنى قايتۇرۇۋەتتى

قىرىم خەۋەر ئاگېتنلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك ئايروپىلان ئارقىلىق ئالمۇتا شەھىرىگە يېتىپ بارغان نۇرزىيە ئاقان قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قازاقىستانغا كىرگۈزۈلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق قىز نۇرزىيە ئاقان خىتاينىڭ زۇلۇمىغا چىدىيالماي خىتايدىن خوڭكوڭغا، ئاندىن مالايسىياغا، ئۇ يەردىن دۇبەيگە ۋە دۇبەيدىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە بارغان. ئەمما ئۇ قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قازاقىستانغا كىرگۈزۈلمىگەن ۋە دۇبەيگە قايتۇرۇۋېتىلگەن. بۇ خەۋەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، نۇرزىيە ئاقاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىش خەۋپى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچەيگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇرزىيە ئاقان قانۇنلۇق ھالدا قازاقىستاننىڭ ساياھەت ۋىزىسى ئارقىلىق ئالمۇتا شەھىرىگە بارغان. ئەمما قازاقىستان دائىرىلىرى ئۆزى تەستىقلىغان ساياھەت ۋىزىسىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇنى دۇبەيگە قايتۇرۇۋەتكەن.

ئاتا يۇرت تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە شۆبىسى باشلىقى بابۇسسالام ئوقۇتان بۈگۈن تىۋىتتېردا نۇرزىيە ئاقاننىڭ قايتىدىن ئالمۇتاغا قاراپ ئۇچقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ ھەقتىكى باشقا تەپسىلاتلار ھەققىدە توختالمىغان.

بۇ خەۋەر 3992 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2020 13:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق