تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك قازا قىلغانلار 200دىن ئاشتى

7-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ 203كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 196 مىڭ 902 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 32137 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇلاردىن سىرت، 6420 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 203 كىشى قازا قىلىپ، 5017 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 436 مىڭ 270كە، قازا قىلغانلار 15103كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 5836گە يەتكەن.
فاھرەتتىن كوجا يەنە كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنى، تەدبىر ۋە چەكلىمىلەرنىڭ تەسىرى بولۇۋاتقانلىقىنى، يېقىندا تېخىمۇ كۆپ پايدىسىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 794 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2020 12:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق