ئامېرىكا ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىق خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 14 ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزدى

ب ب س خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 7-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ قانۇن كېڭىشىدىكى تۆت ئۆكتىچى ئەزاسىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشقا چېتىشلىق بولغان خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت دەرىجىلىك 14 ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىم جازا يۈرگۈزۈلگەن ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى جازالىماسلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زەربە بېرىشنى خالىمىغانلىقىدىن ئىكەن.

جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 14 ئەمەلدار بولسا سەي دافېڭ، ساۋ جيەنمىڭ، چېن جۇ، بەيما چىلىن، دىڭ جوڭلى، خاۋ مىڭجىن، جى بىڭشۈەن، شېن يۆيۆ، ۋەن ئېشىياڭ، ۋاڭ چېن، ۋاڭ دۇڭمىڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، جاڭ چۈنشيەن ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىقلار ئىكەن. جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى ئىكەن.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىنقى ئايدا قارار چىقىرىپ، خوڭكوڭ قانۇن كېڭىشى ئەزالىرىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان سالاھىيەتكە «ۋەتەنپەرۋەرلىك» شەرتىنى قوشقان. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئارقىدىنلا تۆت نەپەر دېموكراتچىل پارلامېنت ئەزاسىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ پالاتا ئەزالىرى بولسا كوللېكتىپ ئىستېپا بەرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 7-دېكابىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئامېرىكىنى قوش ئۆلچەم قوللاندى، دەپ ئەيىبلىگەن.

بۇ خەۋەر 838 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2020 11:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق