پىلانلىق ئانىلار ۋە پىلانلىق بالىلار سىنىپى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

5-دېكابىر شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن پىلانلىق ئانىلار ۋە پىلانلىق بالىلار سىنىپىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئانىلار ۋە بالىلارنى تەقدىرلەش تور يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىندا پىلانلىق ئانىلار ۋە پىلانلىق بالىلار سىنىپىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى گۈلباھار مەمەت خانىم سۆز قىلىپ، ئۆز بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر تۈپەيلى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن مۇھاجىرەتتىكى ئاياللارنىڭ ئارزۇ-ئۈمىد ۋە پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالىشى ئۈچۈن ئاۋۋال پىلانلىق ئانىلار سىنىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە بۇ سىنىپقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئانىلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ئاياللىق ۋە ئانىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن بىر تۈركۈم پىلانلارنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ۋە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەندىن كىيىن پەرزەنتلەرنىڭمۇ بۇ خىل پىلانلىق تۈزۈمدىن پايدىلىنىپ ۋاقىت باشقۇرۇش، پىلان تۈزۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن پىلانلىق بالىلار سىنىپىنىمۇ تەسىس قىلغانلىقىنى، ھەر ئىككىلى سىنىپتىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ سىنىپلارنىڭ بۇندىن كېيىن ھەر يىلى داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە بۇ سىنىپلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋەسىلە بولغان مەريەم خانىم، پىلانلىق ئانىلارنىڭ يىللىق چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن گۈلرۇھ خانىم، سىنىپلارغا مەسئۇل بولۇپ كەلگەن گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىلى رىزۋانگۈل خانىم ۋە نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا پىلانلىق ئانىلار ۋە پىلانلىق بالىلار سىنىپىدا بىر يىلدىن بېرى ئىزچىللىقنى ساقلاپ، پىلانلارنى جايىدا ئورۇنلاپ كەلگەن ئۈلگىلىك ئانىلار ۋە ئۈلگىلىك بالىلار دەرىجە بويىچە كىتاب، تەقدىرنامە، ئويۇنچۇق، مېداليون ۋە ئەتلەس شارپىلار بىلەن مۇكاپاتلاندى.

بۇ خەۋەر 6029 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2020 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق