ئۇيغۇر ئاياللىرى قۇچاقتىكى بالىسى بىلەن ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا قامىشى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەر پارچىلىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ۋەيران بولۇش ھالىتىگە يەتتى. خىتاي بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلەشكە مەجبۇرلىماقتا.

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر جايىدا ئاساسەن ئايال كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ياڭاق پوستى ئاجرىتىپ ئىشلەۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇچىقىدا ئون ئايلىق بوۋىقىنى كۆتۈرۈپ ئىشلەۋاتقان ئاياللارنىڭ، شۇنداقلا كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇندىن بۇرۇنمۇ بىر قىسىم سىنلاردا باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭمۇ تۆۋەن مائاش ئېلىپ ئىشلەۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشى تارقالغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 4047 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2020 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق