خىتاي ھىمالايا چېگراسىدىكى ئۈستۈنلۈك ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بۇتان بىلەن چېگرالىنىدىغان، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ھېسابلىنىدىغان ھىمالايا ئېگىزلىكىگە يېقىن جايدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇپ، بۇ رايوندا ئۈستۈنلۈك ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشماقتا ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇتاندىكى ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىغا بولغان زېمىن تەلىپى يەنە بىر قېتىم خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا ئېرىشكەن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى دوكلام ئېگىزلىكى ئەتراپىدا پەيدا بولغان. خىتاي بىلەن بۇتان ھەر ئىككىسى دوكلام ئېگىزلىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ رايون ھىندىستان ئۈچۈنمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

يېڭى دېھلىدىكى كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقات فوندىنىڭ ئانالىزچىسى مانوج جوشى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ ھەرىكەتلەرگە قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ زېمىن تەلىپى قىلىۋاتقان رايونلاردىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. خىتاي دوكلام رايونىدىكى ئورمانلىق رايونلىرىدا يول ۋە يېزا قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق رايوندا كاشىلا پەيدا قىلماقتا. بۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە باشقا جايلاردىكى يولسىز ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان بىر قېتىم بۇتانغا ۋاكالىتەن خىتاينىڭ ئېگىزلىكنى كونترول قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولۇپ، بۇ ئېگىزلىك ھىندىستاننى شەرقىي شىمالدىكى دۆلەتلەر بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان رايون ئىكەن. جوشىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھىمالايا تېغىدا زېمىن تەلىپى قىلىشى جەنۇبىي ئاسىيادا ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ھىندىستان بىلەن بولغان زېمىن ماجىراسىدا ئەۋزەل شارائىتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ئىكەن.

بۇ خەۋەر 947 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2020 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق