6-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ 195 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 174 مىڭ 761 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 30402 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 6093 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 195 كىشى قازا قىلىپ، 4011 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 431 مىڭ 253 گە، قازا قىلغانلار 14900گە يەتكەن. نۆۋەتتە كېسىلى ئېغىر بىمار 5805 ئىكەن.
فاھرەتتىن كوجا يەنە كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنى، تەدبىر ۋە چەكلىمىلەرنىڭ تەسىرىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تەدبىرلەرگە ئەمەل قىلىش ھەممە كىشىنىڭ ئىنسانىي مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋاملىق كۆپىيىش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بارلىق پۇقرالارنىڭ ئادەم كۆپ توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.