ئامېرىكا خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارشى مۇھىم قەدەم تاشلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو 4-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» دەپ ئاتالغان بەش تۈرلۈك پىلاننى بىراقلا ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پومپېيو خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر بەش تۈرلۈك پىلاننى چەت ئەلدىكى تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ پىلانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ئەمەس، بەلكى خىتاي ئەمەلدارلىرى بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پومپېيو باياناتىدا يەنە يۇقىرىقى پىلاننىڭ ئامېرىكىنىڭ 1961-يىلدىكى ئۆزئارا مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قانۇنىغا ئاساسەن يولغا قويۇلغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ چەت ئەل ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن ساياھەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ بەش تۈرنى تولۇق مەبلەغ بىلەن باشقۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ پىلانلارنىڭ خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ باياناتىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىنى بۇلاردىن تولۇق بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر پىلانلارنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزۈلگەنلىكىنى، ئەمما سۆز ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى بولمىغان ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا توختىتىۋەتكەن بەش تۈرلۈك پىلان بولسا سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ خىتاي مائارىپ ساياھەت پىلانى، ئامېرىكا-خىتاي دوستلۇق پىلانى، ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرى ئالماشتۇرۇش پىلانى، ئامېرىكا-خىتاي ئوكيان ھالقىغان ئالماشتۇرۇش پىلانى، خوڭكوڭ مائارىپ-مەدەنىيەت پىلانى قاتارلىقلار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 840 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2020 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق