ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ۋىرۇس تارقىلىش سەۋەبىنىڭ خىتايدىكى چېرىكلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇندىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكا CNN قانىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يوشۇرغانلىقى ھەققىدىكى ئىچكى ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ مەخپىي ھۆججەتنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەينى ۋاقىتتا ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى خاتالىقنىڭ خەلقئارالىق يۇقۇمغا سەۋەب بولغانلىقىنى، بۇ خاتالىقنىڭ بولسا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بىر نەچچە شىركەت ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن سودا سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار خىتايدىكى ئىچكى ھۆججەتلەر ۋە بىر قىسىم ئېلخەتلەرگە، شۇنداقلا بىر قىسىم دوختۇر-سېسترالار ۋە ئىچكى قىسىمدىكى خادىملار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەتىجىلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەسلىدە بۇ يىل 1-ئايدىن بۇرۇن تارقالغانلىقىنى بايقاپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ۋە ئالاقىدار سەھىيە تارماقلىرى شاڭخەيدىكى نامى چىقمىغان مەلۇم ئۈچ شىركەتتىن پارا ئېلىپ، ئۇلارغا ۋىرۇس تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان سىناق دورىسىنى ياساش ۋە سېتىش ھوقۇقىنى بەرگەن.

بۇ شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان سىناق دورىلىرىنىڭ سۈپىتى ناچار بولغانلىقتىن، دەسلەپكى مەزگىلدە ۋىرۇسنى بايقىيالمىغان. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ چوڭ يىغىلىشلارنى ۋە ساياھەت قىلىشنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانماسلىق خىتايلارنىڭ چاغىنى مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ تېز تارقىلىشىغا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تاراپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. خىتاينىڭ سەھىيە تارماقلىرى مەزكۇر ئۈچ شىركەت بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، باشقا تەتقىقاتچىلار ياكى تەشكىلاتلارنىڭ باشقا سىناق دورىسى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن، شۇنداقلا ۋىرۇس ئەۋرىشكىلىرىنى پەقەت خىتاي رەسمىي ھوقۇق بەرگەن تەجرىبىخانىلاردىلا تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان.

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئەگەر خىتاي دائىرىلىرى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يۇقۇمغا قارشى تەدبىر قوللانغان بولسا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى %86 ئازىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنى خىتاي دائىرىلىرى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلاردىن 2478نى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلار 5918 بولۇپ، ئېلان قىلىنغان ساننىڭ ئىككى ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1039 قېتىم كۆرۈلدى
05/12/2020 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق