ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈمى خادىملىرىغىمۇ ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو 4-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈمى خادىملىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇ باياناتىدا: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇزۇندىن بۇيان ماركسىزم-لېنىنىزم ئىدىيەسىنى تارقاتماقتا ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتمەكتە. خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈم خادىملىرى چەت ئەل تەشكىلاتلىرىنى مەبلەغ بىلەن قوللاش ئارقىلىق كوممۇنىزم تەشۋىقاتى قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا خىتاي سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلارنى قورقۇتۇپ بوزەك قىلىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

پومپېيو يەنە خىتاينىڭ بۇ خادىملىرىنى تەنقىدلەپ، ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئاكادېمىكلار، سودىگەرلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خىتايلارغا، شۇنداقلا تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئوچۇق-ئاشكارا قارشى تۇرغان مىللىي ۋە دىنىي توپلارغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، پائالىيەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلىغانلىقىنى، خىتاي مەنپەئەتىگە خىلاپ دەپ قارالغان ھەر قانداق شەخسنى نىشانلىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ باياناتتا چەكلەنگۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى تىلغا ئېلىنمىغان. نورمال ئەھۋالدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تارقاتقان ۋىزا چەكلىمىسى كونكرېت كىشىلەرنى نىشان قىلمايدىكەن، شۇنداقلا بۇ چەكلىمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان خادىملارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان ئوبيېكتىلار خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى جىسمانىي زوراۋانلىق، تەھدىت سېلىش، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش ۋە ئاشكارىلاش، جاسۇسلۇق قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتى، ئىلىم-پەن ئەركىنلىكى ۋە شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يەنە بۇ چارشەنبە خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنى «سىياسىي باستۇرۇشنىڭ يۈكسىلىشى» دەپ سۈپەتلىگەن ۋە: «ئامېرىكىنىڭ قارارى كۈچلۈك ئىدېئولوگىيەلىك بىر تەرەپلىمىلىك ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پىسخىكىسىنىڭ نامايەندىسى» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 978 قېتىم كۆرۈلدى
05/12/2020 13:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق